健康资讯 ئىران

时事资讯 2019-01-3068未知admin

  

  

  

ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «ساخاند» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى

  

  

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىران ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئامېرىكا دېڭىز بويىغا بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  

ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى: «ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋاقتى بەش ئاي بولۇشى مۇمكىن، بۇ يولنىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا باغلىق» دېگەن. ئىران دېڭىز ئارمىيەسى يەنە مۇنداق دېدى: ھەربىي پاراخوتنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا كىرىشى پەقەت بىر خىل قارشى تەدبىر بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ پېرىسىيە قولتۇقىغا كىرگەنلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن.

  

ئىگىلىنىشىچە، ھەربىي پاراخوت ئەترىتى ئىراندىكى ئەڭ ئىلغار بولغان «ساخاند» ناملىق قوغلىغۇچى ھەربىي پاراخوتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  

«ۋول كوچىسى گېزىتى»دە، بۇنداق قىلىش تېھراننىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دېيىلدى.

  

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «ستانىس» ناملىق ئاۋىئاماتكا باشچىلىقىدىكى ھەربىي پاراخوتلىرى توپلىشىپ پېرىسىيە قولتۇقىغا كىرگەن.

  

  

  

监制: 吴新日

  

审稿:米克丽古丽

  

翻译: 迪力夏提

  

制作: 乌斯曼江

  

Copyright © 2002-2017 桂来达资讯网 版权所有  

联系QQ:1352848661